ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلار بىلمەيدىغان بىر كىشىنىڭ سۈرىتىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇنىڭ كىيىملىرى ئاپپاق، چاچ-ساقاللىرى قاپقارا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېرىپ-چارچاش، چاڭ-توزاڭ، كىيىملىرى كىر ۋە چاچلىرى چۇۋۇق دېگەندىك سەپەردىن كەلگەنلىك ئالامەتلىرىمۇ يوق ئىدى، سورۇندىكىلەرنىڭ ھېچ بىرى ئۇنى تونۇمايتتى، ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئوقۇغۇچى ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام توغرىسىدا سوئال سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىسلام ئۆز ئېچىگە ئالغان، ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىش، بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، زاكاتنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، قادىر بولغان كىشى ھەج قىلىش قاتارلىق ئاساسلاردىن جاۋاپ بەردى،
سوئال سورىغۇچى: راست ئېيتتىڭ دېدى، ساھابىلار ئۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن سوراپ، جاۋاپ بەرسە بىلىدىغاندەك تەستىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدى،
ئاندىن ئۇ كىشى ئىمان توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىمان ئۆز ئېچىگە ئالغان: ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلىقىغا، ئۇنىڭ بارلىق ئىسىم-سۈپەتلىرىگە، يارىتىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ نۇردىن ياراتقان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرىقىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان ئېسىل بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا ئۆز ھوزۇرىدىن پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق كىتابلىرىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچىلەر-پەيغەمبەرلەرگە يەنى نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش، بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆلگەندىن كىيىن قەبىردە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار، بەرزەخ ھاياتى، ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تېرىلىشى، قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئىلىنىشى، ئىنساننىڭ ئاقىۋېتىنىڭ جەننەتتە ياكى دوزاختا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلىم ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە نەرسىلەرنى بىكىتكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەقدىرنى يازغانلىقىغا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ خالىشى، تەقدىر قىلغان ۋە ياراتقىنى بويىنچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاندىن ئۇ كىشى ئېھسان توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: «ئېھسان دېگەن گوياكى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرىدىغان دەرىجىگە يەتمىسەڭمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھ تائالا سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئالى مەرتىۋە كۆرۈش بۇ ئەڭ يۇقىرىسى. ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالى مەرتىۋە كۈزۈتۈش. (ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش).
ئاندىن ئۇ كىشى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىدىن سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئىلمىنى بىلىش بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدىغان، مەخلۇقاتلاردىن ھېچ بىرى بىلمەيدىغان ھەتتا سوئال سورىغۇچىمۇ ۋە سورالغۇچىمۇ بىلمەيدىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئاندىن ئۇ كىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا سورىدى،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دېدەكلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ياكى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرىنى قاقشىتىپ ئۇلارغا خۇددى دېدەكلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئاخىر زاماندا قوي باقىدىغان پادىچى، كەمبەغەللەرگە دۇنيانىڭ كەڭرى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئالى قەسىر ۋە ئىگىز بىنالارنى سىلىپ پەخىرلىنىدىغانلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دېدى.
ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سوئال سورىغۇچىنىڭ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى، ساھابىلارغا بۇ دىننى تەلىم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
Hadeeth details